top of page
logo_LM LOGO白_edited_edited.png

ھايات ئەپسانىلىرى

«بارلىق تەبئىي ئاۋازلارنىڭ بىرلىشىشى»
خىل:        سىناق، پوست روك (پوست تولغىما مۇزىكىسى)، دۇنياۋىي گىرەلەشمە​
ژۇملا:      بارلىق تەبئىي ئاۋازلارنىڭ بىرلىشىشى​
تۈر:         2015- يىلىدىن باشلاپ، جوڭگۇ بېيجىڭ​
شوئارى:   ئەسقەر، سىتىڭ، تېپىشماق، خۇن خۇر تۇ، دايىر سىترايىت
 Bjork, Ghost, Pink Floyd, Yat-Kha              
تىللار:    ئىنگىلىزلار، تۇۋالار، ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار، ياپونلار، روسلار، ۋىيتناملار، ئوزبېكلەر
                 قۇرۇلغان ياقتۇرغان بولسىڭىز تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ            

 

ھايات ئەپسانىلىرى ئەترىتى  ئوخشىمىغان تىل ۋە مەدەنىيەتلەرنى بىر كۈيگە مۇجەسسەملەپ، ئەنئەنە بىلەن ئىجادىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. مەزكۇر ئەترەت رومانتىك، پەلسەپىۋى ھەمدە بۈگۈنكى زامانغا خاس رەڭدار ناخشا تېكىستلىرى ئارقىلىق ئىنسانلار ھالىتى ۋە كائىنات شۇنداقلا چىنلىقنى  بايان قىلىدۇ. بۇ يىل ئەتىيازدا مەيدانغا كەلگەن شۇ ناملىق «ھايات ئەپسانىلىرى» ئۆزگىچە ئۇسۇلى بىلەن زور  زىلزىلە پەيدا قىلغۇسى.

 

بۇ مۇزىكا ئەترىتى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مۇزىكىچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ يادرولۇق ئەزا  بولسا، تۇۋالىق داڭلىق چىرقىراق ناخشىچىسى ۋە تۇۋا  خەلق ناخشىلىرى تەتقىقاتچىسى رادىك تۇليۇش (خۇن خۇر گۇرۇپپىسىدىن)، ۋېيتنام مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت  تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى (Tran Nguyen) رۇەن شى فاڭ زەن، ئۇيغۇر ناخشىچى ياسىن ئارتان (جەم مۇزىكا ئەترىتى) ۋە  ئامېرىكا كولورادو شىتاتىدىن كەلگەن كۆپ مىللەت تىلىنى بىلىدىغان ناخشىچى، مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى، سەنئەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتچىسى ئەندى پائۇل قاتارلىقلار

 

مۇزىكا ئەترىتى بىر خىل توقۇلما بولمىغان ھەمدە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى مۇزىكا ياراتقان. بۇ خىل مۇزىكا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت   ئامىللىرىنى ئاددىيلا بىرىكتۈرۈش ئەمەس، «ھايات ئەپسانلىرى» ئەزالىرىمۇ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى چۇڭقۇر ھېس قىلىش ئۈچۈن «مىللەتلەر ئارا مۇزىكا» نىڭ ساداسىنى ياڭراتتى. بۇ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىسلاھات خاراكتېرلىك سىناق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ سىناق مەدەنىيەت ھالقىغان ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەريانىدىن كېلىدۇ. مۇزىكا ئەترىتى ھەرقايسى ئەزالىرىنى مۇزىكا ئەنئەنىسى ۋە مىراسلىرىنى زامانىۋى پۇراققا ئىگە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ناخشا تېكىستلىرىنىڭ ئىدىيسى بۈگۈنكى دۇنيانى ئىزھار قىلىدۇ. «ھايات ئەپسانىسى» ئىچكى ئاسىيانىڭ  قەدىمقى ئوخشىمىغان ناخشا ئېيتىش ماھارىتى ۋە شېئىرىي تېكىستلىك بولغان ئىنگىلىزچە، ياپونچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە ۋە تۇۋاچە ناخشىلارنى تۇنجى بولۇپ بىرلەشتۈرگەن  ئەترەت ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ بىر يەرلىك مۇزىكا ئەترىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە خاس كەسپىي ئىجادىيەت ئۇسۇلى  بار. ھەربىر ناخشىنىڭ تېكىستى شۇ ئەترەتتىكى ئەزالارنىڭ ئانا تىل ۋە نىشان تىل شائىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى، مەسلىھەتلىشىشى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. مەزكۇر ئەترەتنىڭ تۇنجى پلاستىنكىسى 25 ئادەمنىڭ ئورتاق ئىجادىيىتى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن

 

بۇنداق بىر قانچە خىل مەدەنىيەت ۋە تىل بىرىكتۈرۈلگەن مۇزىكا ئىجادىيتى ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. مۇشۇنداق بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولغان بۇ ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئۆزئارا چۇڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.  بۈگۈنكى كۈندە «ھايات ئەپسانىلىرى» نىڭ 20 گە يېقىن ئىجادىي ناخشىسى بار. ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرى مول مەزمۇنلۇق ھەم ئاز ئۇچرايدىغان ئاۋاز باسقۇچى (گامما) ۋە تەڭشەش، ئالاھىدە ئۇدارغا ئىگە. بۇنداق ئالاھىدە تىپىك بولغان مىللەتلەر ئۇچرىششى تاماشىبىنلارغا بىر خىل تەسىرلىك تۇيغۇ بېرىدۇ

 

ھايات ئەپسانىلىرى مۇزىكىلىرى ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ھەرقايسى دەۋرلەردە ئوخشاشلا ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ مۇزىكىلار «نەچچە ئەسىر ئۆتسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ۋە سېھرىي كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە».قەدىمىيلىككە ھەم كەلگۈسىگە ئىگە بولغان بۇ مۇزىكىلار مۇشۇ پەيتتە ئۆز ساداسىنى ياڭراتقۇسى.

bottom of page